دۇنياغا جىددى سىگنال: خىتاي ھۆكۈمىتى جازا لاگىرلىرى ۋە تۈرمىلەردىكى 14 مىليۇندىن ئارتۇق ئۇيغۇرنى ئوغۇرلۇقچە يۆتكەپ يوق قىلىش پىلانىنى توختاتسۇن!

مەشئەل ئۇيغۇر گۇرۇپپىسى

 

2018 - يىلى 11 - ئۆكتەبىر

 

 

خىتاي ھۆكۈمىتى 2015 - يىلى ئېلان قىلغان شەرقى تۈركىستان (شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايۇنى) دىكى ئۇيغۇرلارنىڭ نوپۇسى 11.3 مىليۇن ئىدى. ئەمما چەتئەللەردىكى ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرى، شەرقى تۈركىستاندىكى ئۇيغۇر نوپۇسىنى خىتاي ھۆكۈمىتى ئېلان قىلغان نوپۇس كۆپىيىش نىسبىتى بويىچە 20 مىليۇندىن 25 مىليۇنغىچە  دەپ ھېسابلاپ چىقتى. يېقىندا خىتاي باياناتچىسى ۋېكتور گاۋ ئەلجەزىرە تېلېۋىزىيەسىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغاندا شەرقى تۈركىستاندىكى ئۇيغۇر نوپۇسىنى 6 مىليۇندىن 7 مىليۇنغا قەدەر دەپ خەۋەر قىلدى. ئۇنداقتا 2015-يىلىدىن ھازىرغىچە بولغان ئارلىقتا، 13 مىليۇندىن 14 مىليۇنغىچە بولغان ئۇيغۇر نەگە كەتتى؟ بىز خىتاي ھۆكۈمىتىدىن سەۋەبسىز يوقىلىپ كەتكەن ئۇيغۇرلارنىڭ ھېسابىنى  بېرىشىنى قەتئىي تەلەپ قىلىمىز.

 

شىۋەتسىيەدىكى ئەڭ چوڭ گېزىتلەرنىڭ بىرى بولغان دننىڭ  4 - ئۆكتەبىردىكى سانىدا، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ دېرىزىلىرى چىڭ ئېتىۋېتىلگەن پويىز ۋە ئاپتوبۇسلار بىلەن شەرقى تۈركىستاندىكى  جازا لاگىرلىرى، قايتا تەربىيەلەش ئورنى ۋە تۈرمىلەردىكى ئۇيغۇرلارنى ئىچكىرى ئۆلكىلەرگە يۆتكەۋاتقانلىقىنى ۋە بۇنىڭ ئاپەت خاراكتېرلىق بىر ۋەقە ئىكەنلىكىنى ھەققىدە خەۋەر بېرىلدى.

 

يەنە بەزى مەنبەلەر خىتاينىڭ جازا لاگىرلىرىدىن كۆپلىگەن ئۇيغۇرلارنى شەرقى تۈركىستانغا خوشنا بولغان گەنسۇ ئۆلكىسىگە تۈركۈم - تۈركۈملەپ يۆتكەۋاتقانلىغىنى ئوتتۇرىغا قويماقتا.

 

يېڭى تاڭلىقلار تېلېۋىزىيە قانىلىنىڭ 2017 - يىلى 17 - ئىيۇلدا بەرگەن خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، شەرقى تۈركىستان بىلەن گەنسۇ ئۆلكىسىنىڭ چىگراسىدىكى چەكسىز كەتكەن قۇملۇققا، شەرقتىن غەرىپقىچە بولغان ئۇزۇنلىقى 17 كىلومېتىر، شىمالدىن جەنۇپقىچە بولغان ئۇزۇنلىقى  9.5 كىلومېتىر بولغان غايەت زور تۈرمە سېلىنغان. بۇ تۈرمىنىڭ ئەتراپى ئىنسى ـ جىن يوق قۇملۇق بولۇپ، بۇ جايدىن مەھبۇسلارنىڭ ساق ـ سالامەت قېچىپ قۇتۇلۇشى مۈمكىن ئەمەس ئىكەن. بۇ تۈرمىنىڭ كۆلىمى ئەينى چاغدىكى گىتلىر ھۆكۈمىتى  قۇرغان 6 – 20 گىچە جازا لاگىرلىرىغا تەڭ كېلىدىغان بولۇپ، بىر ۋاقىتتا 1 مىليۇنغا يىقىن كىشىنى تەڭلا قامىغىلى بولىدىكەن. بۇ خەۋەرنىڭ ئەسلى مەنبەسىنى بۇ ئۇلىنىشتىن كۆرۈڭ.

https://www.youtube.com/watch?v=wY1MDupXC_4

https://youtu.be/ypeaPF02J_s

 

ئەركىن ئاسىيا رادىئوسىنىڭ 1 - ئۆكتەبىردە شەرقى تۈركىستاننىڭ قەشقەر شەھەر كوناشەھەر ناھىيەسىدىكى بىر ساقچى خادىمىدىن ئىگەللىشىچە، بۇ يەردىكى جازا لاگىر ۋە تۈرمىلەرگە سولانغان ئۇيغۇرلارنى خىتاينىڭ ئىچكىرى ئۆلكىلىرىگە ئوغۇرلۇقچە يۆتكەش خىزمىتى باشلىنىپ بولغان.

 

ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى بىر تۈركۈم ئۇيغۇرلارنىڭ شەرقى تۈركىستاندىن 4 مىڭ 699 كىلومېتىر يىراقلىقتىكى، خىتاينىڭ شەرقى شىمالىغا جايلاشقان خېيلوڭجىياڭ ئۆلكىسىنىڭ تەيلەي ناھىيەسىگە ئوغۇرلۇقچە يۆتكىگەنلىگىنى ئېنىقلاپ چىقتى. تەيلەي تۈرمىسى فالۇنگوڭچىلارغا قاتتىق زۇلۇم قىلىش بىلەن خىتايدا داڭقى چىققان تۈرمىلەرنىڭ بىرى ئىكەن.

 

ھازىر خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ شەرقى تۈركىستاندىن ئىچكىرى ئۆلكىلىرىگە يۆتكىمەكچى بولغان تۇتقۇن ئۇيغۇرلارنىڭ سانى 14 مىليۇندىن ئارتۇق بولۇپ، بىز خىتاي ھۆكۈمىتىنى بۇ ئىچكىرى ئۆلكىلەرگە يۆتكەلگەن ئۇيغۇرلارنى شۇ جايدىكى تۈرمىلەردە ئىز ــ دېرەكسىز يوق قىلىۋەتمەكچى دەپ ئېغىر گۇمان قىلىمىز. 

 

خىتاي ھۆكۈمىتى نېمە ئۈچۈن ھازىرقى ۋاقتىتتا بۇنچىلىك ئالدىراپ ـ سالدىراپ  ئۇيغۇرلارنى خىتاينىڭ ئىچكىرى ئۆلكىلىرىگە يۆتكەيدۇ؟

 

2018 - يىلى 10 - ئاۋغۇست كۈنى ب د ت نىڭ ئېرقىي ئايرىمىچىلىققا قارشى تۇرۇش كومىتېتىنىڭ دوكلات يىغىنىدا، ئامېرىكا قاتارلىق بىر نەچچە دۆلەتلەر خىتاينىڭ بىر مىليۇندىن ئارتۇق ئۇيغۇرنى گىتلېر ھۆكۈمىتى دەۋرىدىكى  جازا لاگىرلىرىغا ئوخشايدىغان تەربىيەلەش نامىدىكى لاگىرلارغا يىغىۋالغانلىغى قاتتىق ئەيىپلىدى ۋە  ب د ت نىڭ بۇ ھەقتە ئىشەنچىلىك پاكىتلارنى قولغا چۈشۈرگەنلىگى شۇنداقلا ئۇلارنىڭ  خىتايدا ئۇيغۇرلارغا قارشى ئېلىپ بېرىلىۋاتقان  بۇنداق بىر خەتەرلىك  ۋەزىيەتتىن قاتتىق ئەندىشە قىلۋاتقانلىقى ئوتتۇرىغا قويۇلغانىدى.

 

خىتاي ھۆكۈمىتى بولسا ب د ت غا جاۋابەن شىنجاڭدا بۇنداق لاگىرلارنىڭ مەۋجۈت ئەمەسلىكىنى ئېيتىپ، ئۇلارنىڭ سۆزىنى رەت قىلغان ئىدى. بىراق سۈنئى ھەمرادىن تارتىلغان سۈرەتلەر ۋە خەلقئارا مەتبۇاتلارنىڭ يېقىندىن بۇ ئەھۋاللارنى دەلىل ـ ئىسپاتلىق كۆپلەپ خەۋەر قىلىشى نەتىجىسىدە، شەرقى تۈركىستاندا قۇرۇلغان جازا لاگىرلىرىنىڭ ئورنى مۇقۇملاشتۇرۇلغان ۋە خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بۇ تىپتىكى جازا لاگىرلىرىنى قۇرۇش ۋە كىشىلەرنى ئاتالمىش «قايتا تەربىيە ئېلىش» نامىدا قانۇنسىز  تۇتقۇن قىلىش جىنايەتلىرىنىڭ  2018 - يىلى 2015 - يىلىغا سېلىشتۇرغاندا 2 ھەسسە ئارتقانلىقى مۇقىملاشتۇرۇلدى.

 

بۇنىڭ بىلەن بىرگە ئامېرىكا ھۆكۈمىتى ۋە ئاۋام پالاتاسىمۇ شەرقى تۈركىستاندىكى ۋەزىيەتنى جىددى كۆزىتىۋاتقانلىغىنى ۋە يەرشارى ماگنىستكى قانۇنى ئارقىلىق شەرقى تۈركىستاندا جازا لاگىرلىرىنى قۇرۇشقا يېتەكچىلىك قىلغان چىن چۈەنگو قاتارلىق  خىتاي ئەمەلدارلىرىنى جازالاشنى ئوتتۇرىغا قويدى.

 

يۇقارقى دەلىل ـ ئىسپات، خەۋەر ۋە باياناتنامىلارنىڭ نەتىجىسىدە، شەرقى تۈركىستاندىكى جازا لاگىرلىرى ۋە يېپىق تەربىيەلەش لاگىرلىرى مەسىلىسىدە قاتتىق بېسىمىغا دۇچ كەلگەن خىتاي ھۆكۈمىتى دۇنيانىڭ كۆزىنى بوياپ، « شىنجاڭدا بۇنداق جازا لاگىرى مەۋجۇت ئەمەس » دېگەن سەپسەتىسىنى ئىسپاتلاش ئۈچۈن، نۆۋەتتە شەرقى تۈركىستاندىكى جازا لاگىرلىرى ۋە تۈرمىلەردىكى ئۇيغۇرلارنى زور كۆلەم ۋە جىددى ھالدا خىتاينىڭ ئىچكىرى ئۆلكىلىرىگە ئوغۇرلۇقچە يۆتكەپ، شەرقىي تۈركىستاندىكى تۈرمە، جازا لاگىرى ۋە تەربىيەلەش مەركەزلىرىنى بوشىتىپ، دەلىل ـ ئىسپاتلارنى يوقاتماقچى ۋە ئۇيغۇرلارغا يۈرگۈزگەن قانلىق سىياسىتىنىڭ دۇنياغا ئاشكارە بولۇشىدىن قېچىپ قۇتۇلماقچى بولىۋاتىدۇ.

 

خىتاي زىمىنىدىكى نېفىتىنىڭ يېرىمدىن كۆپرەكى , تەبىئى گازىنىڭ 95%, كان مەھسۇلاتىنىڭ 70%, پاختا مەھسۇلاتىنىڭ 65%، مېۋە – چىۋىلەرنىڭ 55%ى خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئاسارەت ۋە مۇستەملىكىسىگە  مەھكۇم بولغان شەرقى تۈركىستان زىمىنىدىن چىقىدۇ. خىتاي ئورگان تىجارىتىنىڭ 99% شەرقى تۈركىستانلىق نوپۇسلارنى مەركەز قىلغان. ئۇندىن باشقا شەرقىي تۈركىستان ئىنتايىن ھالقىلىق سىياسىي جۇغراپىيەلىك ئورۇنغا جايلاشقان بولۇپ، بۇ جاي خىتاينىڭ خەلقئارا بىلەن چىگرا ئالاقىسىنى ساقلاش، دۆلەت مۇداپىئەسىنى كۈچەيتىش جەھەتلەردە كەم بولسا بولمايدىغان مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە.  خىتاي ھۆكۈمىتى بۇنداق باي، مۇنبەت زېمىنگە ئىگە بولۇش ئۈچۈن، بۇ زېمىننىڭ ئەسلى ئىگىلىرى بولغان ئۇيغۇرلارغا قارىتا، 21 - ئەسىردىكى  ئىرقىي قىرغىنچىلىق  سىياسىتىنى ئېلىپ بېرىۋاتىدۇ. خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارغا قاراتقان جازا ۋە ئۆلۈم لاگىرلىرىنىڭ سىرىنى ئېچىش، خىتاينىڭ « شىنجاڭدا ئۆلۈم لاگىرلىرى يوق » دەپ دۇنيانى ئالداش ئۈچۈن ئۇيغۇرلارنى خىتاينىڭ ئىچكىرى ئۆلكىلىرىگە مەخپى يۆتكەۋاتقانلىقىنى،  بۇنىڭ ماھىيەتتە ئۇيغۇرلارغا ئېلىپ بېرىۋاتقان ئۈن - تۈنسىز قىرغىنچىلىق ئىكەنلىگىنى دۇنيا خەلقىگە بىلدۈرۈش مەقسىدىدە قولىڭىزدىكى بۇ مۇراجىئەتنامىنى تەييارلىدۇق. بۇ مۇراجىئەتنامىگە قول قويۇش ۋە ئەتراپىڭىزدىكىلەرگە تارقىتىش ئارقىلىق 21 - ئەسىردىكى تۇنجى  ئېرقى قىرغىنچىلىغىنىڭ يۈز بېرىشىنى ۋە ئۆتكەن ئەسىردىكى قىرغىنچىلىقلارنىڭ قايتا تەكرارلىنىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىڭ.

بىزنى قوللاپ قۇۋەتلىگەنلىكىڭىز ئۈچۈن سىزگە كۆپ رەھمەت.

 

ئىمزا قويۇش ئۇسۇلى:

http://www.freedomsherald.org/ET/cmp/Imza-qoyush.mp4


Mesh'el Uyghur Guruppisi (Torchlight Uyghur Group), 2018.
Alaqilishish adrésimiz(Contact): mesheluyghur@gmail.com
Torchlight Uyghur Group’s petitions
Torchlight Uyghur Group’s podcast in Uyghur
Torchlight Uyghur Group’s publications
You can find more information from the following sites:
https://www.facebook.com/torchuyghur/
https://twitter.com/torch_uyghur
http://blog.freedomsherald.org
http://freedomsherald.org/ET/unb/
http://freedomsherald.org/ET/cmp/